خەلقئارا قىزىل كىرېست كومىتېتى ئېفىيوپىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەۋەتىشنى چاقىرىق قىلدى

خەلقئارا قىزىل كىرېست كومىتېتى (ICRC) ئىسيانچى تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى بىلەن ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار كۆپەيگەن ئېفىيوپىيەدە، پۇقرالارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەۋەتىشنى چاقىرىق قىلدى.

1726116
خەلقئارا قىزىل كىرېست كومىتېتى ئېفىيوپىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەۋەتىشنى چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا قىزىل كىرېست كومىتېتى باشلىقى پېتېر ماۋرېر (Peter Maurer) ئۈچ كۈنلۈك ئېفىيوپىيە زىيارىتىدىن كېيىن، كومىتېتنىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئېفىيوپىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ يېقىنقى ھەپتىلەردە ئېفىيوپىيەنىڭ شىمالىدىكى تىگراي ۋە قوشنا شەھەرلەردە توقۇنۇشلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: <<يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار، كۈندىلىك ئېھتىياج لازىمەتلىكلىرىنى تەمىنلەشكە توسقۇنلۇق قىلىپ، سەھىيە سىستېمىسىنى پالەچ قىلىپ قويغان. پۇقرالار ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئېھتىياجلىرىنى قامداشتىن مەھرۇم ئەھۋالدا>> دېدى.

ئۇ توقۇنۇشلار كۈندىلىك تۇرمۇشقا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن رايونلاردا نۇرغۇن ئائىلىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە تىببىي بۇيۇملارغا ئېھتىياجى بارلىقىنى تەكىتلەپ، ۋەزىيەت مۇشۇنداق تەرەققىي قىلغاندا، پۇقرالارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان سەھىيە مەسىلىلىرىگە يولۇقىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئېفىيوپىيە ئارمىيەسىنىڭ 2020-يىلى نويابىردا ئىسيانچى تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتىغا قارشى باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.

ئېفىيوپىيەنىڭ شىمالىدا 11 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار، تەخمىنەن 2.5 مىليون كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، رايوندا 5 مىليوندىن ئارتۇق كىشى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە موھتاج ئەھۋالدا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر