ئامېرىكا تۈركىيەگە يېڭى باش ئەلچى تەيىنلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن تەرىپىدىن دۆلىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن جېف فلېيك كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى.

1725454
ئامېرىكا تۈركىيەگە يېڭى باش ئەلچى تەيىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېف فلېيكنىڭ نامزاتلىقى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ ئاغزاكى بېلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە قوبۇل قىلىندى.

فلېيكنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ديېۋىد ساتتېرفىلىدتىن بۇ ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن 7-ئايدا فلېيكنى ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن، كېڭەش پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى 20-ئۆكتەبىر فلېيكنىڭ نامزاتلىقىنى تەستىقلاپ، كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئاخىرقى بېلەت تاشلىشىنىڭ يولىنى ئاچقانىدى.

جۇمھۇرىيەتچى بولۇشىغا قارىماي، 2020- يىلدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دېموكراتىك قاناتنىڭ نامزاتى بايدىننى قوللىغان فلېيك، 2013-2019-يىللىرى ئارىلىقىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئارىزونا ئىشتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان، ھەمدە 2001-2013-يىللىرى ئارىلىقىدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.

فلېيك سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سىياسىتىنى باھانە قىلىپ، 2019-يىلى كېڭەش پالاتاسىدىن پېنسىيەگە چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر