سۇداندىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن خارتۇم خەلقئارا ئايرودورۇمى تاقالدى

ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەل بۇرھاننىڭ جىددىي قارارىدىن كېيىن، مەمۇرىي باشقۇرۇشنى قوللىغۇچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىغا سەھنە بولغان سۇداندا خارتۇم خەلقئارا ئايرودورۇمى تاقالدى.

1725561
سۇداندىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن خارتۇم خەلقئارا ئايرودورۇمى تاقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، ئايرودورۇمنىڭ 26-ئۆكتەبىردىن 30-ئۆكتەبىرگىچە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا تاقىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىمۇ سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمغا ئۇچىدىغان بۈگۈن ۋە ئەتە (ئىككى كۈنلۈك) نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

سۇداندا 25- ئۆكتەبىر ئەتىگەندە باش مىنىستىر ئابدۇللاھ ھەمدۇك ۋە نۇرغۇن سىياسىئونلار قولغا ئېلىنغان ئىدى.

پۇقرالار قانىتىغا قىلىنغان بۇ ھەربىي مۇداخىلىدىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالار قانىتى ۋە نۇرغۇن سىياسىي پارتىيەلەر خەلقنى كوچىلارغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان ئىدى.

چاقىرىقتىن كېيىن، پايتەخت خارتۇمنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا توپلانغان مىڭلىغان سۇدان خەلقى ھەربىي مۇداخىلىگە قارشى نامايىش قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەل بۇرھان جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىنى، ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە كابىنېتنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى، سۇداننىڭ بارلىق پىرقىلىرى ۋەكىللىك قىلىدىغان تېخنىكىلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر