G20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى رىمدا يۈز تۇرانە ئېچىلىدۇ

G20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئىتالىيە پايتەختى رىمدا يۈز تۇرانە ئېچىلىدۇ. بۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلىدە يۈز تۇرانە ئېچىلغان تۇنجى G20 يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

1725714
G20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى رىمدا يۈز تۇرانە ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: G20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى 2020-يىلى 1-دېكابىر سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئۆتكۈزۈۋالغان ئىتالىيە، 2021-يىلى بويىچە ئۈستىگە ئالغان نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى، 30-31-ئۆكتەبىر رىمدا چاقىرىلىدىغان G20 ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

يىغىندا، رەھبەرلەرنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق، باراۋەرلىك ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، كەلگۈسىدىكى زەربىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئومۇمىي پاراۋانلىقنى قوللاش، شۇنداقلا ۋاباغا قارشى تېز ئىنكاس قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشى ۋە يېڭى ۋەدىلەرنى بېرىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىتالىيە يىغىندىن كېيىن، نۆۋەنچى رەئىسلىكنى ھىندونېزىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

يىغىنغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئىشتىراك قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىيپ ئەردوغان يىغىن بويىچە مۇھىم دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.

باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ۋىدالىشىش ئالدىدا تۇرغان ئانگېلا مېركېل ئاخىرقى قېتىم گېرمانىيەگە ۋاكالىتەن G20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

يىغىنغا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، كانادا، ياپونىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئاۋستىرالىيە، بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، خىتاي، مېكسىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا، ساھىبخان دۆلەت ئىتالىيە تەكلىپ قىلغان دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكاسى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ۋە ب د ت قاتارلىق ىەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مەسئۇللىرى قاتنىشىدۇ.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىيو كىشىدا، مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادور ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يىغىنغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر