بۇ يىل ئامېرىكادىكى بارلىق دىنلارغا تەۋە ئىبادەتخانىلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ نىسبىتى ئاشتى

2021-يىلى كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكىدىكى نەپرەت جىنايىتى نىسبىتى رېكورت يارىتىشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

1725606
بۇ يىل ئامېرىكادىكى بارلىق دىنلارغا تەۋە ئىبادەتخانىلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ نىسبىتى ئاشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Axios» تور بېتىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ يىل ئامېرىكادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىدىن تارتىپ، بۇددىستلارنىڭ بۇتخانىلىرىغىچە، كاتولىك چېركاۋلىرىدىن، مۇسۇلمانلارنىڭ جامىلىرىگىچە بولغان بارلىق ئىبادەخانىلارغا قارىتا يۇقىرى دەرىجىدىكى ۋاندالىزم ۋە ئوت قويۇش قاتارلىق ھۇجۇملارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۈگۈنگە قەدەر ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى ئامېرىكىدىكى نەپرەت جىنايىتى نىسبىتى رېكورت يارىتىش يولىدا مېڭىۋاتقان بولۇپ، ھۇجۇملارنىڭ كۆپىنچىسى دىنىي چوڭچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

خەۋەردە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ يېڭىلانغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2020- مالىيە يىلى دوكلاتىدا نەپرەت جىنايىتى سانىنىڭ 2001-يىلدىكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىسلام دۈشمەنلىكى دولقۇنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكا كاتولىك ئېپىسكوپلار يىغىنى ئالدىنقى ھەپتە 2020-يىلى مايدىن بۇيان ئامېرىكىدىكى كاتولىك ئورگانلىرىغا قارىتىلغان 100 نەپرەت ھەرىكىتىنىڭ رۇيخەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يازنىڭ بېشىدا كانادادا قېزىل تەنلىك بالىلار پاناھلانغان كاتولىك چېركاۋ مەكتەپلىرىدە ئاممىۋى قەبرىلەر تېپىلغاندىن بۇيان، چېركاۋلارغا ئون نەچچە قېتىمدىن ئارتۇق ئوت قويۇش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى تەكىتلەندى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يولغا قويۇلغان سىياسەت ۋە خەۋەرلەرگە تېما بولغان بەزى ۋەقەلەرنىڭمۇ نەپرەت جىنايىتىگە نىسبەتەن  قوزغاتقۇچى ئامىل بولىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر