ئامېرىكا تۈركىيە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى «ئورتاق مۇھىم نۇقتىلاردا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقى»نى بىلدۈردى.

1725003
ئامېرىكا تۈركىيە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالدىنقى ھەپتە سودا – سانائەتچى ئوسمان كاۋالانىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان باش ئەلچىلەر تۈنۈگۈن بىر قەدەم كەينىگە چېكىنىپ، ۋىيېننا ئەھدىنامىسىنىڭ 41 – ماددىسىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «بىز سىلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىڭلارغا ئارىلاشمايمىز، قانۇنلىرىڭلارغا رىئايە قىلىمىز» دەپ تىۋىتتىر ئۇچۇرى ھەمبەھرىلىگەندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋاشىنگتوننىڭ تۈركىيە بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بايدىن ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن ئورتاق مۇھىم ئىشلاردا ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ ۋە بىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەرقانداق بىر چۈشىنىشمەسلىكنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىدىن پايدىلىنىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىنىڭ مەنپەئەت ئورتاقلىقى بار ساھەلەردە ھەمكارلىشىش  ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز، ھەمدە تۈركىيە بىلەن نۇرغۇن ئورتاق مەنپەئەتىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز» دېدى.

پرايس ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى داۋىد ساتتېرفىلىدنىڭ ھازىرمۇ ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەڭ يېڭى بايانلىرىنى كۆرگەنلىكلىرىنى ۋە ئامېرىكانىڭ دۇنيا مىقياسىدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن: «بىز 10-ئاينىڭ 18-كۈنى (كاۋالانىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدىكى) باياناتىمىزنىڭ ۋىيېننا ئەھدىنامىسىنىڭ 41-ماددىسىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. بىز يەر شارىدا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىمىزنى قايتا تەكىتلەيمىز ۋە تۈركىيە ۋە ۋىيېننا ئەھدىنامىسىنىڭ 41-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دىيالوگىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر