سۇداندىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلاردا 7 كىشى قازا قىلدى

سۇداندىكى ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىن باشلانغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلاردا 7 كىشى قازا قىلدى ۋە 140 كىشى يارىلاندى.

1725040
سۇداندىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلاردا 7 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداندا تۈنۈگۈن ئەتىگەن ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت رەئىسى ئابدۇللا ھەمدۇك ۋە باشقا 4 مىنىستىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، خەلق كوچىلارغا چىقىپ سىياسىي ئۆزگىرىشكە  قارشى نارازلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

ھەربىيلەر نامايىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتتى.

سپۇتنىكنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدىكى نامايىشلارغا  ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 7 گە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 140 كە يەتكەن.

ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەل بۇرھان قانۇن تەرىپىدىن بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن، قالايمىقانچىلىق ۋە كرىزىس مۇھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش  ئۈچۈن جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر