نىگېرىيەدىكى بىر جامە بامدات نامىزى ئەسناسىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
نىگېرىيەنىڭ نىگېر ئۆلكىسىدىكى بىر جامەگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 18 ئادەم قازا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، موتوسىكلىت مىنگەن قوراللىق كىشىلەر نىگېر ئۆلكىسىنىڭ مازا-كۇكا رايونىدىكى بىر جامەدە بامدات نامىزى ئۆتەۋاتقان جامائەتنى ئوققا تۇتۇپ، 18 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇرغان.
نىگېر ئۆلكىلىك ساقچى كومىسسارى مونداي كۇرياس بايانات بېرىپ، ھۇجۇمدىن كېيىن يەتتە ئادەمنىڭ گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغانلىقىنى ۋە ۋەقەدە نۇرغۇن مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۇرياس، رايونغا ئەۋەتىلگەن خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ بىر ھۇجۇمچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.
نىگېرىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ موتوسىكلىت بىلەن ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبىدىن بەزى ئۆلكىلەردە موتوسىكلىت مېنىش چەكلەنگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.