ب د ت: ئىران 2020 - يىلى 250 ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى

ئۆتكەن يىلى ئىراندا تۆت نەپىرى بالا مەھبۇس بولۇپ جەمئىي 250 ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.

1725068
ب د ت: ئىران 2020 - يىلى 250 ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە ئىران ئالاھىدە دوكلاتچىسى جاۋىد رەھمان، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا سۆز قىلىپ، ئىراننىڭ ئۆلۈم جازاسىنى «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان دەرىجىدە» داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىراننىڭ 2020-يىلى تۆت نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 250 دىن ئارتۇق مەھبۇسنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن رەھمان، بۇ يىلمۇ توققۇز نەپىرى ئايال، بىر نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 230 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ يوشۇرۇن ھالەتتە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، ئىراننىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش سەۋەبىنى ئىزاھلىغاندا «مۈجمەل دۆلەت بىخەتەرلىك جىنايىتى» دېگەندەك ئېغىر ئەندىشىلەرنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىراننىڭ «ھەتتا ئەڭ ئاساسىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىمۇ بولمىغان ئەدلىيە جەريانىغا ئىگە ئىكەنلىكى»نى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر