تۇنىستىكى  كەلكۈندە 3 كىشى قازا قىلدى

تۇنىستا قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە 3 كىشى قازا قىلدى.

1724537
تۇنىستىكى  كەلكۈندە 3 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىستا قاتتىق يامغۇردىن كېيىن سۇ ئاپىتى يۈ بەردى. كەلكۈندە 3 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. قاپسىلىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى.

خەلق مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى موز تېرا، تالا شەھىرىدە كەلكۈندە ئېقىتىپ كەتكەن بىر ئاپتوموبىلدا 20 ۋە 27 ياشلاردىكى ئىككى كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقىنى ئېيتتى.

پايتەخت تۇنىسقا يېقىن تېرا بوردج چاكېر رايونىدا يۈز بەرگەن كەلكۈندە 24 ياشلىق بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تۇنىستا كەلكۈن ئاپىتى دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىدىغان بولۇپ، 2020-يىلى 9-ئايدا يۈز بەرگەن كەلكۈندىمۇ 3 كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 6 كىشى قازا قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ: #كەلكۈن , #تۇنىس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر