تالىبان «ئافغانىستان» تېمىلىق يىغىنغا تەكلىپ قىلىنمىدى

ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيىتى ئىران پايتەختى تېھراندا 27-ئۆكتەبىر (2021) ئېچىلىدىغان «ئافغانىستان» تېمىلىق يىغىنغا تەكلىپ قىلىنمىدى.

1724466
تالىبان «ئافغانىستان» تېمىلىق يىغىنغا تەكلىپ قىلىنمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان باياناتچىسى ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن مەدەنىيەت مىنىستىر ۋەكىلى زابىھۇللاھ مۇجاھىدى تېھران يىغىنىغا ھازىرچە تەكلىپ قىلىنمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ يىغىننى ئافغانىستانغا پايدىلىق دەپ ئويلايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئىراننىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئافغانىستاننىڭ قوشنا دۆلەتلىرى ئىشتىراك قىلىدىغان ۋە تېھران ھۆكۈمىتى ساھىبخانلىق قىلىدىغان يىغىننىڭ 27-ئۆكتەبىر ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يىغىنغا، پاكىستان، خىتاي، تاجىكستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ. يىغىندا، ئافغانىستاندا كەڭ دائىرىلىك مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

رۇسىيە پايتەختى موسكۋانىڭ ساھىبخانلىقىدا، 20-ئۆكتەبىر (2021) ئافغانىستان توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. يىغىنغا، رۇسىيە، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكستان، تاجىكستان، پاكىستان، خىتاي، ھىندىستان ۋە ئىران قاتناشقان ئىدى.

يىغىنغا، تالىبان ئافغانىستاندا قۇرغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەكىلى ئابدۇلسالام ھەنەفى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت قاتناشقان بولۇپ، ئافغانىستاننىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىگە «كەڭ دائىرىلىك ھۆكۈمەت» قۇرۇش چاقىرىق قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر