سۇداندا باش مىنىستىر ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى قولغا ئېلىندى

سۇداندا بىر گۇرۇپپا ئەسكەر ئەتىگەن تەرەپلەردە باش مىنىستىر ئابدۇللاھ ھەمدۇك ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ شېرىكى بولغان پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئالدى.

1724359
سۇداندا باش مىنىستىر ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداندا بىر گۇرۇپپا ئەسكەرنىڭ  ئەتىگەن تەرەپلەردە باش مىنىستىر ئابدۇللاھ ھەمدۇك ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ شېرىكى بولغان پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىشىدىن كېيىن، پايتەخت خارتۇمدىكى بەزى رايونلاردا نامايىشلار باشلاندى، بەزى يوللاردا نامايىشچىلار بالون كۆيدۈرۈپ، يوللارنى تاقىدى.

سۇدان ئۇچۇر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ۋە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ بەزى مىنىستىرلىرىنىڭ، ھەربىي كۈچلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سۇداندىكى سىياسىي پارتىيەلەر، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسىدىن كېيىن، پۇقراۋى ئىتائەتسىزلىك چاقىرىدا بولدى، سۇدان كەسپىي ئۇيۇشمىلار بىرلەشمىسى بولسا، خەلقنى كوچىلارغا چىقىپ، نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتتىكى ھەربىي پائالىيەتلەردىن كېيىن، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون لىنىيەلىرىدە ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر