نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

غەربىي ئافرىقاغا جايلاشقان نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا بوكو ھارامغا قارشى قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتتە، نۇرغۇن تېررورىست ئۆلتۈرۈلدى.

1724397
نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئېدۋارد گابكۋېت (Edward Gabkwet) يازما بايانات ئېلان قىلىپ، نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ چاد كۆلى ئويمانلىقىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھاۋا بومباردىمانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ لاگېرىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن تېررورىستنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى يېقىنقى يىللاردىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئوبيېكتى بولسىمۇ، ئەمما ئافرىقادىكى نوپۇسى ئەڭ زىچ دۆلەت ھېسابلىنىدىغان نىگېرىيەدە مۇھىم بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

نىگېرىيەدە 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2009-يىلدىن بۇيان پەيدا قىلغان كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى 2015-يىلدىن تارتىپ نىگېرىيەنىڭ قوشنىسى كامېرون، چاد ۋە نىگېردا ھەر خىل ھۇجۇملارنى پەيدا قىلىپ كەلدى. چاد كۆلى ئويمانلىقىدىكى ھۇجۇملىرىدا، ئەڭ ئاز دېگەندە 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

نىگېرىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن يۈز مىڭلارچە كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر