خىتاي چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەنلەرگە قارشى قورال ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىدىغان قانۇن چىقاردى

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى خىتاينىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭى چېگرا بىخەتەرلىك قانۇنىنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

1724435
خىتاي چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەنلەرگە قارشى قورال ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىدىغان قانۇن چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلىغان يېڭى چېگرا بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ 2022-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، 62 ماددا ۋە 7 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان قۇرۇقلۇق چېگرا قانۇنىنىڭ «چېگرا بىخەتەرلىكىنى تەڭشەش، كۈچەيتىش ۋە قوغداش» ئۈچۈن تەييارلانغانلىقى بايان قىلىندى.

قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ھاياتىغا ياكى مال-مۈلۈككە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھۇجۇم ياكى باشقا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە بولغانلارغا ۋە قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتمەكچى بولغانلارغا قارشى قورال ئىشلىتىشىگە يول قويغان بۇ قانۇندا، چېگرا بويىدا ھەر تۈرلۈك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە مىكرو تىپتىكى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

خىتاي ئارمىيەسىنىڭ چېگرادا يۈز بېرىدىغان ھەر قانداق «ئىشغالىيەت، سىڭىپ كىرىش ياكى ئىغۋاگەرچىلىك» كە قوراللىق قارشى تۇرۇشىغا يول قويغان بۇ قانۇن، ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مۇۋاپىق دەپ قارىسا، چېگرانى تاقاشقىمۇ قانۇنىي ئاساس يارىتىپ بېرىدىكەن.

شىمالىي كورېيە، رۇسىيە، موڭغۇلىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، بۇتان، لائوس، بىرما، نېپال، ۋىيېتنام ۋە ھىندىستان بىلەن قۇرۇقلۇق چېگراسى بولغان خىتاينىڭ، بولۇپمۇ ھىندىستان ۋە ئافغانىستان چېگراسىدىكى بىخەتەرلىككە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خىتاينىڭ بۇ قانۇن ئارقىلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد-19) غا قارشى تەدبىر قوللىنىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر