دائېشنىڭ مەقسىتى ئافغانىستاندا مەزھەپ ئۇرۇشىنى باشلاش

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئافغانىستان شىئەلىرى، دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. قەندەھەردىكى شىئە دىن ئۆلىمالىرى تېررورلۇق تەشكلاتى دائېشنىڭ مەزھەپ ئۇرۇشىنى باشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1724451
دائېشنىڭ مەقسىتى ئافغانىستاندا مەزھەپ ئۇرۇشىنى باشلاش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەندەھەردىكى شىئە دىن ئۆلىمالىرى تېررورلۇق تەشكلاتى دائېشنىڭ مەزھەپ ئۇرۇشىنى باشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شىئە ئۆلىمالىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، قۇندۇزدا ۋە قەندەھاردا شىئە جامەلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى؛ بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ مەزھەپ ئۇرۇشى باشلاش ئىكەنلىكىنى، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شىئە كېڭىشىنىڭ باشلىقى ۋە قەندەھارنىڭ جۈمە ئىمامى سەردار مۇھەممەد زاھىدى 15-ئۆكتەبىر (2021) جۈمە نامىزى جەريانىدا دائېش ھۇجۇمى يۈز بەرگەندە ئىماملىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ھېچقانداق زىيان-زەخمىگە ئۇچرىمىدى.

ئۇ باياناتىدا: «پارتلاشلارنىڭ مەقسىتى، ھازىرغىچە دائېشنىڭ ئاكتىپ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا كۆرسىتىش» دېگەن ئىدى.

قەندەھاردا توققۇز يىل جۈمە ئىمامى بولغان ۋە ئافغانىستان شىئەلىرىنىڭ داھىيسى ئايەتۇللاھ ئەلى سىستانىنىڭ ۋەكىلى ھۈسەيىن نۇرى شۇرپەرايى دائېش ھۇجۇملىرىنىڭ ئارقىسىدا ئىسىرائىلىيە بىلەن غەرب كۈچلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

جۈمە ئىمامى ۋە شىئە مەدرىسەلىرىدە مۇددەرسلىك قىلىۋاتقان بارىداد رىزائى شىئە-سۈننىي خەلقلىرى ئارىسىدا ھەقىقىي ئىتتىپاقلىقنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئىسلام دۈشمەنلىرى بۇ ئىتتىپاقلىقنىڭ داۋاملىشىشىنى خالىمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر