نىگېرىيەدە بىر تۈرمىدىن 575 مەھبۇس قېچىپ كەتتى

نىگېرىيەنىڭ ئويو ئۆلكىسىدە بىر تۈرمىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە 575 مەھبۇس قېچىپ كەتتى.

1723981
نىگېرىيەدە بىر تۈرمىدىن 575 مەھبۇس قېچىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تۈرمىلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئويو ئۆلكىسى باياناتچىسى ئولانرېۋاجۇ ئەنجورىن مەتبۇئاتقا بەرگەن باياناتىدا، تۈنۈگۈن كەچتە نامەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئابولونگو رايونىدىكى تۈرمىگە قىلغان ھۇجۇمىدا، 837 مەھبۇسنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئولانرېۋاجۇ ئەنجورىن ھۇجۇمدىن كېيىن 262 مەھبۇسنىڭ قايتا نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، 575 مەھبۇسنىڭ قاچقانلىقىنى ۋە بۇلارنى تۇتۇش ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئولانرېۋاجۇ ئەنجورىن ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

نىگېرىيەنىڭ كوگى ئۆلكىسىدىمۇ 13 – سىنتەبىردە بىر تۈرمىگە قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا، 240 مەھبۇس قېچىپ كەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر