پاكىستان توققۇز تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى
پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بالۇچىستان ئۆلكىسىدە توققۇز تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1723822
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باشقارمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ماستۇڭ رايونىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن تېررورچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، توققۇز تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، نۇرغۇن قورال ۋە ئوق - دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، تېررورچىلارنىڭ قايسى تەشكىلاتقا تەۋە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.
شىمالىي ۋەزىرىستاندا تۈنۈگۈن يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان بومبا پارتلاپ ئىككى ئەسكەر قازا قىلغانىدى.