خىتاي بايدىننىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 21-ئۆكتەبىر) كېچە س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ پىروگراممىسىدا، ۋاشىنگوننىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1723757
خىتاي بايدىننىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: <<تەيۋەن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى. تەيۋەن مەسىلىسىگە چەت ئەللەرنىڭ ئارىلىشىشنى قوبۇل قىلالمايمىز>> دېدى.

ۋاڭ فامىلىلىك يەنە، خىتاينىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىدە ھېچقانداق يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: <<ھېچكىم خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى، ھەمدە ئىقتىدارىنى سىناشقا ئۇرۇنمىسۇن>> دېدى ۋە ئامېرىكانى <<بىر خىتاي>> پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشقا، تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بېرىشتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.

پىرېزىدېنت جو بايدىن تۈنۈگۈن كېچە س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ پىروگراممىسىدا، رىياسەتچى ئاندېرسون كۇپېر (Anderson Cooper)  نىڭ خىتاي تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلغان ئەھۋالدا ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوغدايدىغان ياكى قوغدىمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا: <<ئەلۋەتتە قوغدايمىز، بۇ توغرىدا ۋەدىمىز بار>> دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت جو بايدىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: <<خىتاي بىلەن سوغۇق ئۇرۇشنى خالىمايمىز>> دېگەن ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر