ب د ت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 43 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، خىتاينى ب د ت  كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دەرھال ۋە توسالغۇسىز  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشقا چاقىردى.

1723342
ب د ت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان  3 – نۆۋەتلىك كومىتېت يىغىنىدا، تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 43 دۆلەت، ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىشەنچلىك دوكلاتلاردا، بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ خالىغانچە قولغا ئېلىنىپ، قامالغان «سىياسىي تەلىم - تەربىيە» لاگېرلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا؛  تەن جازاسى (قىيىن – قىستاق)، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋە پەسكەش مۇئامىلىلەر، مەجبۇرىي تۇغماسلىق قىلىش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە بالىلارنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرى ئايرىۋېتىشنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان دوكلاتلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى.

ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىقلارنىڭ تەڭپۇڭسىز بىر شەكىلدە تەقىب ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارغا بېسىم ئىشلىتىش ۋە زوراۋانلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي، «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دەرھال ۋە توسالغۇسىز رايوننى زىيارەت قىلىشى» غا رۇخسەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

باياناتتا يەنە، خىتاي، خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، خىتاينى لاگېرلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئېچىۋېتىش چاقىرىقىنى تەكرارلىماقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىلىرىنىڭ بىۋاسىتە مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن رايوندا ئەركىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىگە رۇخسەت قىلمايۋاتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر