ئامېرىكا: شىمالىي كورېيە بىلەن ئالدىنقى شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى

ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دىكى دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس گىرىنفىلىد شىمالىي كورېيەگە شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى سۇنغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1722718
ئامېرىكا: شىمالىي كورېيە بىلەن ئالدىنقى شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دىكى دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس گىرىنفىلىد شىمالىي كورېيەگە شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى سۇنغانلىقلىرىنى، «سىجىل ۋە نېگىزلىك سۆھبەت» ئۆتكۈزۈشنىڭ پەيتى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

شىمالىي كورېيەنىڭ «يېڭى تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا»سىنى سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە پيوڭياڭنىڭ يادرو پىروگراممىسىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى.

گىرىنفېلد مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلدى ۋە بۇ سىناقلارنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ يېڭى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ «بىپەرۋالارچە قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك» تىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان توماس گرىنفىلىد، پيوڭياڭنى تېخىمۇ كۆپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى.

ئۇ، كورېيە يېرىم ئارىلىنى پۈتۈنلەي يادروسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن «سىجىل ۋە نېگىزلىك سۆھبەت» ئۆتكۈزۈشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ، ئۆزلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەنى ئالدىنقى شەرتسىز ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

توماس گرىنفىلىد يەنە، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، رايوندىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

شىمالىي كورېيە 15- سېنتەبىر قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى، 28- سېنتەبىر شىمالىي كورېيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقى «يېڭى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان سۈرئىتى ئاۋازدىن تېز» دەپ ئاتىغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلغانىدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يادرو پىلانى سەۋەبىدىن شىمالىي كورېيەگە 2006- يىلدىن باشلاپ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جازا يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر