ب د ت سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان توقۇنۇشلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ 2020- يىلى مارتتا ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇردى.

1722823
ب د ت سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان توقۇنۇشلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى فارخان ھەق، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان، شۇنداقلا بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

سەيشەنبە كۈنى ئىدلىبتىكى زەمبىرەك ئوتىدا بىر پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بايان قىلغان فارخان ھەق، ئىدلىبنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرى ۋە ھەلەبنىڭ غەربىدە توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى ئارىھا بازىرىغا قىلىنغان زەمبىرەك ھۇجۇمىنىڭ پۇقرالارغىمۇ زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن باياناتچى فارخان ھەق، تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ، يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ 2020- يىلى مارتتا ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

سۈرىيەدىكى بارلىق زوراۋانلىقن ۋەقەلىرىنى ئەيىبلىگەن باياناتچى، ھەر قايسى تەرەپلەرنى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىشقا ھەمدە پۇقرالارغا ۋە پۇقرالارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قالايمىقان ھۇجۇم قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر