سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمى پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەدە بەششەر ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 10 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1722182
سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمى پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن ئىران قوللاۋاتقان چەت ئەللىك تېررورچى گۇرۇپپىلاردىن تەشكىل تاپقان  بەششەر ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەرىيھە ناھىيەسىدىكى بىر بازارغا قىلغان ھۇجۇمىدا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، 35 پۇقرا يارىلاندى.

ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇمنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا، 6 - باسقۇچلۇق سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر