بلىنكېن ئېكۋادورنى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېكۋادوردا خىزمەت زىيارىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

1722623
بلىنكېن ئېكۋادورنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئېكۋادوردا خىزمەت زىيارىتىدە بولدى.

ئېكۋادور پىرېزىدېنتى گۇيللېرمو لاسسو ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەندە، دېموكراتىيەنى كۈچلەندۈرۈش، كۆچ ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئانتونى بلىنكېن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ، پىرېزىدېنت لاسسونىڭ باشچىلىقىدا تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: <<رايوندا دېموكراتىك مەنىۋى بايلىقلارنى، بىخەتەرلىكنى ۋە پاراۋانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن شېرىكلىرىمىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن خۇشالمەن>> دېدى.

ئۇ ئېكۋادور تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماۋرىجىيو مونتالۋو بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈشتىن كېيىن، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بلىنكېن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇزاكىرەلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا تەرەققىيات پۇل-مۇئامىلە ئىدارىسىنىڭ ئېكۋادوردىكى ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارغا، بولۇپمۇ ئاياللارغا ھازىردىن باشلاپلا مەبلەغ سېلىش ھەمدە قەرز بېرىش ئىمكانىيەتلىرىنى تەييارلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ زھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، پارىخورلۇققا قارشى كۈرەش، پۇل يۇيۇش ۋە باشقا خەلقئارالىق جىنايەتلەر، ساقچىلارنىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: <<ئېكۋادوردا ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئىشخانىمىز بار. 30 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئۆزئارا ياردەم، پۇل-مۇئامىلە، مائارىپ قاتارلىقلار بۇرۇندىنلا بىرلىكتە قىلۋاتقان خىزمەتلەر ھېسابلىنىدۇ>> دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر