تالىبان بالىلار پالەچ ۋاكسىناسى ئەملەشنى تەستىقلىدى
ب د ت تالىباننىڭ ئافغانىستان مىقياسىدا بالىلار پالەچ ۋاكسىناسى سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ داۋاملىشىشىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىبىنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجارېك (Stephane Dujarric) كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئافغانىستاندىكى بالىلار پالەچ ۋاكسىناسى سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ 8-نويابىر (2021) باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت بالىلار فوندى (UNICEF) ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تالىباننىڭ مەزكۇر قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
ب د ت بالىلار فوندىنىڭ باياناتىدا، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە بالىلار پالەچ ۋاكسىناسى سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقى ۋە 3.3 مىليوندىن ئارتۇق بالىنى ئەملەشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
ب د ت بالىلار فوندىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەكىلى خېرۋا لۇدوۋىج مەزكۇر قارارنىڭ بالىلار پالەچ كېسەللىكىنى يوقىتىشتا تاشلانغان زور قەدەم ئىكەنلىكىنى ۋە ئافغانىستاندىكى ھەر بىر بالىنى ئەملەشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.