نىگېرىيەدە بىر بازارغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 30 كىشى قازا قىلدى

نىگېرىيەنىڭ سوكوتو ئۆلكىسىدىكى بىر بازارغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 30 كىشى قازا قىلغان.

1721489
نىگېرىيەدە بىر بازارغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 30 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوكوتو ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى باياناتچىسى مۇھەممەد بېللو، كىملىكى تېخىچە ئېنىقلانمىغان قوراللىقلارنىڭ نىگېرىيەنىڭ گورونىيو رايونىدىكى بىر بازارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇھەممەد بېللو: «بىز ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانىنى ئېنىق بىلمەيمىز، ئەمما كەم دېگەندە 30 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.

مۇھەممەد بېللو ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، رايونغا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر