سۈرىيە ئاساسىي قانۇنى لايىھەسىنى تەييارلاش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى

سۈرىيەدىكى تەرەپلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئۈچۈن سىناق لايىھەلەرنى تەييارلاش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرى ئېلان قىلىندى.

1721122
سۈرىيە ئاساسىي قانۇنى لايىھەسىنى تەييارلاش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى پېدېرسېن بۈگۈن (2021-يىلى 18-ئۆكتەبىر) باشلىنىدىغان 6-قېتىملىق سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى سۆھبەتلىرىدە، تەرەپلەرنىڭ تۇنجى قېتىم يېڭى سۈرىيە ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئۈچۈن سىناق لايىھەلەرنى تەييارلاش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بولۇپ، ھەر بىر گۇرۇپپىدىن 15 كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئاساسىي قانۇننىڭ «كىچىك گۇرۇپپا» ئەزالىرى، ئارىدىن 8 يېرىم ئاي ئۆتكەندە شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە بىر يەرگە جەم بولدى.

ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى پېدېرسېن ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 17-ئۆكتەبىر) جەنۋەگە يېتىپ كەلگەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋەكىللىرى، ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ 2021-يىلى 25-ئۆكتەبىردىن 29-ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزگەن 5-قېتىملىق سۆھبەتلىرىنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىككى تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسنىڭ ئەمدى پەقەت ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنىڭ تەييارلىنىشى مەسىلىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئاساسىي قانۇن سىناق لايىھەسىنى تەييارلاشنى باشلاش مەسىلىسىدىمۇ پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىمنى ئېيتماقچىمەن. توغرىسىنى ئېيتقاندا، سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى تەييارلاش مۇساپىسىنى باشلاش، بۇ ھەپتىدىكى يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر