ئۇكرائىنا رۇسىيەگە سايلام ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغان قىرىمدا سايلام ئۆتكۈزۈشىگە بولغان نارازىلىقى دائىرىسىدە يەنە 237 كىشىگە جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

1720501
ئۇكرائىنا رۇسىيەگە سايلام ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە كومىتېتى كاتىپى ئالېكسېي دانىلوۋ كومىتېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، يىغىندا رۇسىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز ھالدا قوشۇۋېلىنغان قىرىمدا سايلام ئۆتكۈزۈشىگە چېتىشلىق يەنە 237 كىشىگە جازا يۈرگۈزۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دانىلوۋ، يىغىندا يەنە ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە پىلانىنىڭمۇ قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر جازا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ تەستىقىدىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدىكەن.

زېلېنسكىي 5- ئۆكتەبىر رۇسىيە قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغان قىرىمدا سايلام ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن رۇسىيە پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 95 كىشىگە جازانى يۈرگۈزگەنىدى.

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى — دۆلەت دۇماسى، 39 فېدېراتسىيە رايونىنىڭ پارلامېنتى بىلەن بەزى رايونلارنىڭ باشلىق ۋە مەھەللە باشلىقلىرىنى سايلاش ئۈچۈن 9- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە سايلام ئۆتكۈزگەنىدى.

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ قىرىمدا سايلام ئۆتكۈزۈشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىتىراز بىلدۈرگەنىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە 2014-يىلى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغان قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر