ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ باياناتىنىڭ ئاساسسىزلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇش پاراخوتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئۇچرىشىشنى خاتا دوكلات قىلغانلىقىنى، ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ رۇسىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1720531
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ باياناتىنىڭ ئاساسسىزلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بىلەن خىتاي ياپون دېڭىزىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقان ئەسنادا ئامېرىكا قوغلىغۇچى پاراخوتى USS Chafee نىڭ رايونغا كىرىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قىسقا مۇددەتلىك دىپلوماتىك كىرىزىس پەيدا قىلدى.

موسكۋا، رۇسىيە تىنچ ئوكيان فىلوتىنىڭ ئادمىرال ترىبۇتس ناملىق پاراخوتىنىڭ رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ئامېرىكا قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ يولىنى تورىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بۇ دەۋانى رەت قىلدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىدا: «رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرىنىڭ ئۆزئارا قارشىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى سۆزى توغرا ئەمەس» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، قوغلىغۇچى پاراخوت USS Chafee ، 2021 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15- كۈنى ياپونىيە دېڭىزىنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە دائىملىق مەشغۇلاتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىك ئۇچار ئايروپىلاننى قوزغىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، ئۇدالوي تىپلىق رۇس قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ 65 مېتىر ئارىلىققىچە يېقىنلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە  خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر