ئافغانىستاندىكى ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار سانى 47 گە يەتتى

ئافغانىستاننىڭ قەندىھار ۋىلايىتىدىكى فاتىمىييە جامەسىگە ئىككى ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار سانى 47 گە يەتتى.

1720527
ئافغانىستاندىكى ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار سانى 47 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامەنىڭ ئامانلىق ئىشلىرى مەسئۇلى مۇرتەزا زارىفى، ۋىلايەت مەركىزىدىكى چوڭ جامەنىڭ جۈمە ۋاقتىدا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ۋەقەدە 47 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى فاتىمىييە جامەسىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنىڭ ئىككى ئادەم بومبا تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ھۇجۇمنى سادىر قىلغان تېررورچىلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر