بېيرۇتتىكى ۋەقەلەرگە چېتىشلىق 19 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

ئالدىنقى كۈنى لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتنىڭ ئەتتەييۇنا رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە چېتىشلىق 19 كىشى قولغا ئېلىندى.

1720473
بېيرۇتتىكى ۋەقەلەرگە چېتىشلىق 19 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى —NNA نىڭ  خەۋەر قىلىشىچە، ھەربىي ئەدلىيە تارماقلىرى، ئارمىيە بىلەن بارلىق بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تۈنۈگۈن پايتەخت بېيرۇتتا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشلار ئۈستىدە دەسلەپكى تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ دائىرىدە، ۋەقەلەرگە قاتناشقانلىقى بايقالغان 19 كىشى قولغا ئېلىنغان.

ھىزبۇللاھ ۋە ئەمەل ھەرىكىتى تەرەپدارلىرى ئالدىنقى كۈنى ئۆتكەن يىلى بېيرۇت پورتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنى تەكشۈرۈۋاتقان خىرىستىيان سوتچى تارىق ئەلبىتارنىڭ ئورنىغا باشقا بىرىنىڭ تەيىنلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ بېيرۇت ئەدلىيە سارىيىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا، نامايىشچىلار ئوققا تۇتۇلۇپ، يەتتە ئادەم قازا قىلغان، 32 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر