ب د ت ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررولۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافغانىستاننىڭ قەندىھار ۋىلايىتىدىكى بىر مەسچىتكە قارىتىلغان تۈنۈگۈنكى بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1720456
ب د ت ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررولۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى باياناتچىسى مونىكا گروئېللى، ئومۇمىي كېڭەش رەئىسى ئابدۇللا شاھىدنىڭ نەچچە ئون ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گروئېللى، شاھىدنىڭ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ تۇغقانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈنۈگۈن قەندىھاردىكى شىئە مەزھىپى مەنسۇپلىرىنىڭ فاتىمىييە جامەسىدە جۈمە نامىزى ئادا قىلىنىۋاتقان ئەسنادا ئىككى ئادەم بومبا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى پەيدا قىلىپ، 47 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر