ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتا ئەزا بولدى

ئامېرىكا سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسىرائىلىيەگە قارشى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ چېكىنگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتا ئەزا بولدى.

1720121
ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتا ئەزا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئورگىنى بولغان 47 ئەزاسى بار كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 18 ئەزاسى يېڭىلاندى.

ئامېرىكا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز تاشلاشتا، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزالىقىغا قايتا سايلاندى.

سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى 2018-يىلى «بىر تەرەپلىمە ھالدا ئىسىرائىلىيەگە قارشى» ئىكەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنگەن ئىدى. بايدىن ھۆكۈمىتى بولسا، ھاكىمىيەت بېشىغا كىلەر-كەلمەيلا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتىپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس گرىنفلد (Linda Thomas-Greenfield) سايلامدىن كېيىن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: «ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتىدىن ئەزا بولۇشى، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز كېڭەشنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن شەكىلدە داۋام قىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.

ئۇ خىزمەتلىرىدە ئافغانىستان، بىرما، خىتاي، ئېفىيوپىيە، سۈرىيە ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئاساسىي ئورۇنغا قويىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «مەقسىتىمىز ناھايىتى ئېنىق: كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى قوللاش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ۋە سۈيىئىستېماللارغا قارشى ئاۋازنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» دېدى.

ئۇ يەنە، كىشىلىك ھوقۇقتا سەلبىي ئوبرازغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ كېڭەشكە ئەزا بولۇشىغا قارشى بېسىم قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە كېڭەشنىڭ ئىسىرائىلىيەنى مۇۋازىنەتسىز ھالدا نىشانغا ئېلىشىغىمۇ قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئاجىز دەپ تەنقىد قىلىنىۋاتقان ئېرىترېيە، كامېرون، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كېڭەشكە ئەزا بولۇشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولدى.

سومالى، بېنىن، گامبىيە، ھىندىستان، قازاقىستان، مالايشىيا، قاتار، لىتۋانىيە، ئارگېنتىنا، قاراتاغ، ھوندۇراس، پاراگۋاي، فىنلاندىيە ۋە لىيۇكسېمبۇرگ قاتارلىق دۆلەتلەر كېڭەشكە ئەزا بولدى. بۇ دۆلەتلەر 2022-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ كېڭەشتە ئۈچ يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. كېڭەشتىكى بوشالغان 18 ئورۇنغا 18 دۆلەت نامزات بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە رەقىپسىز ئەزا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر