ئافغانىستاندا سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ گور ئۆلكىسىنىڭ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئەھمەد خان قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلدى.

1720351
ئافغانىستاندا سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستاننىڭ گور ئۆلكىسىنىڭ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئەھمەد خان، نەمەلۇم كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا، ئەھمەد خان ۋە ئۇنىڭ جىيەنى قازا قىلغان، ھۇجۇمدىن كېيىن زوراۋانلار رايوندىن قاچقان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، تالىبانلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىدىن كېيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتمەكتە ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇراخمان ماۋىن، 12-ئۆكتەبىر كۈنى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارخار ئۆلكىسىدە، دائېش تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر