تۈركىيە قەندەھار ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ قەندەھار ۋىلايىتىدىكى شىئە جامەسىدە بۈگۈن (2021-يىلى 16-ئۆكتەبىر) جۈمە نامىزى ۋاقتىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1720274
تۈركىيە قەندەھار ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قەندەھار ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ئافغانىستاننىڭ قەندەھار ۋىلايىتىدە بىر جامەدە بۈگۈن جۈمە نامىزى ۋاقتىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن ۋە يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرماقتىمىز. ئافغانىستاندا يېقىنقى مەزگىللەردە، بولۇپمۇ جامەلەرنى نىشان قىلغان بۇ ئىنسانىيەتكە خىلاپ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى شىددەت بىلەن ئەيىبلەيمىز، جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.

ئىككى ئادەم بومبىنىڭ ئافغانىستاندا تالىباننىڭ قەلئەسى ھېسابلىنىدىغان قەندەھار ۋىلايىتىگە جايلاشقان شىئە جامەسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 30 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 200 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر