بلىنكېن سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن يەمەن ۋەزىيىتى، رايونلۇق مەسىلىلەر ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فايسال بىن فارھان بىلەن كۆرۈشتى.

1720216
بلىنكېن سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتونى بلىنكېن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فايسال بىن فارھان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «مۇناسىۋەتلىرىمىز پەقەت بىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى رايون ۋە دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. رايونلۇق خەۋپسىزلىك ۋە بۇ ھەقتە بىرلىكتە قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇزاكىرە قىلىمىز. بۇلاردىن باشقا يەنە، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلىمىز» دېدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى جەريانىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىككى رەھبەر يەمەندىكى توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىشتىن ئىبارەت ئورتاق نىشاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا رايونلۇق مەسىلىلەردىكى ئامېرىكا-سەئۇدى ئەرەبىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلدى» دېدى.

ئۇ يەنە: «مىنىستىر بلىنكېن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىنى ۋە خەلقىنى قوغداشقا ياردەم قىلىش ۋەدىسىنى يېڭىلىدى. ئامېرىكانىڭ ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇچرىشىشتا، كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا رايونلۇق ۋە كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر