ياپونىيەدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى مۇشۇ ئاي (2021-يىلى ئۆكتەبىر) ئاخىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمى رامكىسىدا تارقالدى.

1719470
ياپونىيەدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو پارلامېنت سايلىمى رامكىسىدا ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىش قارارىنى ئېلان قىلدى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى 19-ئۆكتەبىردە باشلىنىدىغان بولۇپ، دۆلەت مىقياسىدا 31-ئۆكتەبىر (يەكشەنبە) پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ تۆت يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2021-يىلى 21-ئۆكتەبىردە توشىدۇ. مەزكۇر قارار بىلەن، پارلامېنت بىر ھەپتە بالدۇر تاقالغان بولدى.

كىشىدا فۇمىيو ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكرات پارتىيەسى ۋە شېرىكى كومېيتو پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئاۋام پالاتاسىدا 4-ئۆكتەبىر باش ۋەزىرلىككە سايلانغان ئىدى.

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ تارقىتىۋېتىلىشى ۋە 31-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملار ئارىسىدىكى ۋاقىتنىڭ قىسقا بولۇشى سەۋەبىدىن سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ كەسكىن رىقابەت ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر