ئامېرىكادا زەھەرلىك چكىملىك سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى كۆپەيدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ھەددىدىن زىيادە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار بىر يىلدا 96 مىڭدىن ئېشىپ، يېڭى رېكورتنى ياراتتى.
1719410
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى (CDC) نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دۆلەتتە ھەددىدىن زىيادە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 2020-يىلى 3-ئايدىن بۇ يىل ئوخشاش ئايغىچە% 29.6 ئاشقان.
بۇ باسقۇچتا ھەددىدىن زىيادە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش سەۋەبىدىن 96 مىڭ 779 كىشى قازا قىلغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ باسقۇچتا ھەددىدىن زىيادە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش سەۋەبىدىن ئەڭ كۆپ ئۆلۈم نىسبىتى، % 85 بىلەن ۋېرمونت ئىشىتاتىدا كۆرۈلگەن.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى، 2020 – يىلى ھەددىدىن زىيادە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش سەۋەبىدىن 93 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.