تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى تۈركىيەدە

ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ئەمىرخان مۇتتەقى تۈركىيەگە كەلدى.

1719693
تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى تۈركىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ئەمىرخان مۇتتەقى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىن ئايروپىلان بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن.

مۇتتەقى، بىر قىسىم تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

ئۇ، دوھادا سەيشەنبە كۈنى دىپلوماتلار بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، «ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھېچكىمنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، چۈنكى بۇ ئەھۋالنىڭ پاسسىپ تەسىرى، دۇنيادا بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە كۆچمەنلىككە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر