تەيۋەندە ناھايىتى ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تەيۋەندىكى 13 قەۋەتلىك بىر بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 46 ئادەم قازا قىلدى.

1719582
تەيۋەندە ناھايىتى ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاۋشيوڭ ئوت ئۆچۈرۈش باشقارمىسى خادىملىرىنى ئاساس قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى سائەت 2 دىن 54  مىنۇت ئۆتكەندە شەھەرنىڭ يەنچىڭ رايونىدىكى ئىشخانا ۋە تۇرالغۇلار جايلاشقان 13 قەۋەتلىك بىر بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى سائەت 7 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە ئاران ئۆچۈرەلىگەن ئېغىر ئوت ئاپىتىنىڭ بىنانىڭ نۇرغۇن قەۋەتلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دەسلەپتە 25 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئوت ئاپتىىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 46 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر