پاكىستان ئافغانىستانغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى

پاكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتى تالىبانلارنىڭ بېلەت باھاسىنى چۈشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشىدىغان كېيىن بۇ دۆلەتكە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى.

1719784
پاكىستان ئافغانىستانغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتى شىركىتى، تالىبان ئەزالىرىنىڭ بېلەت باھاسىنىڭ چۈشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىشى سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتكە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

پاكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى، ئافغانىستان قاتناش ۋە ئاۋىياتسىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدىن كېيىن چىقىرىلغان.

ئافغانىستان قاتناش ۋە ئاۋىياتسىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پاكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىلەن يەرلىك ھاۋا يوللىرى شىركىتى Kam Air دىن، كابۇل – ئىسلامئاباد بېلەت باھاسىنى چۈشۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان، تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، پاكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتى شىركىتى  ۋە Kam Air نىڭ كابۇل – ئىسلامئاباد ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ توختىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنىدى.

پاكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ كابۇل - ئىسلامئاباد ئايروپىلان سەپەرلىرى بېلىتى، ئىلگىرى 120-150 دوللار بولۇپ، نۆۋەتتە 2 مىڭدىن 2 مىڭ 500 دوللارغىچە سېتىلىدىكەن.

پاكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇغۇرتا ھەققىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن بېلەت باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر