نورۋېگىيەدە مەيدانغا كەلگەن ئوقيا ھۇجۇمىدا بەش ئادەم قازا قىلدى

نورۋېگىيەنىڭ كوڭسبېرگ بازىرىدىكى بىر تاللا بازىرىغا يېقىن جايدا مەيدانغا كەلگەن ئوقيا ھۇجۇمدا بەش ئادەم قازا قىلدى، ئىككى ئادەم يارىلاندى.

1719390
نورۋېگىيەدە مەيدانغا كەلگەن ئوقيا ھۇجۇمىدا بەش ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوڭسبېرگ ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئوئېيۋېند ئائاس، بەش ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمدا يارىلانغانلاردىن بىرىنىڭ كوئوپ ئىسىملىك ماركىتتىكى پۇقراچە كېيىنگەن ساقچى مەمۇرى ئىكەنلىكىنى؛ ھۇجۇمدا يارىلانغان ئىككى كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ۋەقەنىڭ بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئائاس، «گۇماندارنى سوراق قىلىش داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

نورۋېگىيە باش مىنىستىرى ئېرنا سولبېرگمۇ «نورۋېگىيەنىڭ قورقۇنچلۇق بىر ۋەقەنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى»نى بىلدۈرۈپ، ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى ۋە يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر