دۇنيادىكى ئەڭ باي 20 دۆلەتتە كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى كۆپەيمەكتە

ب ب س كىلىمات ئوچۇق-ئاشكارىلىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ باي 20 دۆلەتتە كاربون قويۇپ بېرىشنىڭ تېز ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1719675
دۇنيادىكى ئەڭ باي 20 دۆلەتتە كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س كىلىمات ئوچۇق-ئاشكارىلىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەبىدىن 2020-يىلى %6 تۆۋەنلىگەن كاربون ئوكسىد نىسبىتىنىڭ، بۇ يىل (2021) G20 دۆلەتلىرىدە %4 ئاشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دوكلاتتا، خىتاي، ھىندىستان ۋە ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 2019-يىلدىكى كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ ئاشىدىغانلىقى؛ تاش قاتما يېقىلغۇلىرىنىڭ ئىزچىل قوللىنىلىشى سەۋەبىدىن يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان كاربون قويۇپ بېرىشنىڭ تەخمىنەن %75 گە G20 دۆلەتلىرىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، بۇ يىل (2021) G20 دۆلەتلىرىدە كۆمۈر ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ %5 ئاشىدىغانلىقىنىڭ مۆلچەرلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا يەنە، بۇ ئېشىشنىڭ تەخمىنەن %60 گە خىتاينىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكى، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاندا كۆمۈر ئىشلىتىش مىقدارىدا ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، باي دۆلەتلەردە قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىدىمۇ زور ئېشىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، 2020-ىيلى %10 بولغان قايتا پايدىلانغىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ %12 چىققانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر