بلىنكېن ئىسرائىلىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى يائىر لاپىد ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن زايىد ئەننەھيان بىلەن كۆرۈشتى.

1719478
بلىنكېن ئىسرائىلىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، بلىنكېننىڭ ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى يائىر لاپىد ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن زايىد ئەننەھيان بىلەن ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى توغرۇلۇق  يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى يائىر لاپىد بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا، ئىبراھىم كېلىشىملىرىنىڭ 1 – يىلىدىن كېيىنكى رايوننىڭ تىنچلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بلىنكېن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەم ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈمنى، ھەمدە ئىسرائىلىيەلىكلەرگە ئوخشاشلا پەلەستىنلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى  قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.

ئىران بىلەن يادرو مۇزاكىرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق كۆپلىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە لاپىد بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان بلىنكېن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن زايىد ئەننەھيان بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، بۇ دۆلەتكە، ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ مېھمان قىلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن بلىنكېن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 2050 - يىلى نۆل كاربون قويۇپ بېرىش نىشانىنى قىزغىن قاشى ئالىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.

ئىككى مىنىستىر يەنە، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە باشقا رايون مەسىلىلىرى توغرىلىقمۇ كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە  ئېلىپ، بارغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر