ياپونىيە ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىدۇ

ياپونىيە ئافغانىستانغا تەخمىنەن 190 مىليون دوللارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1718927
ياپونىيە ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا، 20 – گ گۇرۇھى باشلىقلار  تور يىغىنىدا، دۆلىتىنىڭ ئافغانىستانغا 190 مىليون دوللارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياردەمنىڭ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئافغانىستانغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان كىشىدا، ئىنسانىي كىرىزىسكە دۇچ كېلىۋاتقان ئافغانىستان خەلقىگە ياردەمچى بولۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز ۋىلايىتىدىكى بىر جامەگە قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىنىمۇ ئەيىبلىگەن كىشىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسىلىسى بولغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە دائىر تىرىشچانلىقلارنى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا تېزلەشتۈرۈشكە ۋەدە بەردى.

ئۇ يەنە، تالىبانلار ھەممىنى باغرىغا باسىدىغان سىياسىي مۇساپىنى يولغا قويغان تەقدىردە، دۆلەتنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئادەم كۈچى، مەبلەغ ۋە ياردەملەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تالىبانلار، ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاۋغۇست ئېيىدا قايتىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانىدى. تالىبان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا، كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر