ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە ۋە ھىندىستان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە ۋە ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ بېنگال قولتۇقىدىكى بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو ئاگېنتلىقى ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەلۇماتلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە ۋە ھىندىستان تەشكىل قىلغان كۋود (Quad) ئىتتىپاقىنىڭ <<2021مالابار>> مانېۋىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، مانېۋىرغا، ئامېرىكانىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك <<كارل ۋىنسون>> ئاۋىياماتكاسى، ئاۋستىرالىيەنىڭ بىر قوغدىغۇچى ھەربىي پاراخوتى، ھىندىستاننىڭ بىر قوغلىغۇچى پاراخوتى ۋە ياپونىيەنىڭ ئىككى پاراخوتى قاتناشقان.
ياپونىيە كابىنېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى كىخارا سەيجى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» غايىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، مانېۋىرنىڭ تۆت دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ھىندى ئوكياننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بېنگال قولتۇقىدىكى بىرلەشمە مانېۋىر ئەتە (2021-يىلى 14-ئۆكتەبىر) گىچە داۋاملىشىدۇ. مالابار خىتاينىڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى دەپ قارالدى.
بىرىنچى قېتىملىق مالابار مانېۋىرى 1992-يىلى ھىندىستان ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ياپونىيە 2015-يىلى ئىشتىراك قىلغان ئىدى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.