ۋاشىنگتون تالىبان بىلەن سەمىمىي، كەسپىي ۋە ئىجابىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ۋەكىللىرى، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن تولۇق چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم قاتاردا تالىبانلار بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشتى.

1718832
ۋاشىنگتون تالىبان بىلەن سەمىمىي، كەسپىي ۋە ئىجابىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي، كەسپىي ۋە ئىجابىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ۋەكىللىرى، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن تولۇق چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم قاتاردا تالىبانلار بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشتى.

باياناتچى نېد پرايس «خىزمەت» يىغىنى دەپ ئاتىغان مەزكۇر ئۇچرىشىش توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ تالىبانلارغا سۆزلىرىگە ئەمەس، پەقەت ھۇجۇملىرىغا ئاساسەن باھا بېرىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئۇچرىشىشتا يەنە، ئافغانىستاندىكى تېررورلۇق تەھدىتى، ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئامېرىكانى قوللىغان ئافغانىستانلىقلار ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن چىقىشىغا يول قويۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇچرىشىشقا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن پرايس، تالىباننىڭ ئامېرىكا بىلەن دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خوراسان قانىتىغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمكارلىشالايدىغان-ھەمكارلىشالمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ: «بۇ يەردە ئورتاق مەنپەئەت بار. دائېشنىڭ خوراسان قانىتى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى، شۇنداقلا تالىبانلار ئۈچۈنمۇ تەھدىت» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر