G20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ سودا ۋە سېلىنما مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ خىتابنامەسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان G20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ سودا ۋە سېلىنما مىنىستىرلىرىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت ئىتالىيەنىڭ سوررىېنتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى، ئورتاق خىتابنامەنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

1718966
G20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ سودا ۋە سېلىنما مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ خىتابنامەسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  G20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ سودا ۋە سېلىنما مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ خىتابنامەسىدە، G20 دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا زۆرۈر ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تەشكىلاتنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن ئاكتىپ ۋە ئىجابىي شەكىلدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خىتابنامەدە، مىنىستىرلارنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئايرىمىچىلىق قىلىنمايدىغان، ئوچۇق، ئادىل، كەڭ دائىرىلىك، ھەممە باراۋەر، داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ۋە ئوچۇق-ئاشكارا، كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

مىنىستىرلارنىڭ بۇ ھەقتە، مۇقىم سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە قايتىدىن ۋەدە بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

خىتابنامەدە G20 دۆلەتلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) دىن كېيىن، چىدامچان، كۈچلۈك، داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ۋە كەڭ دائىرىلىك ئىقتىسادىي ئەسلىگە كېلىشكە تەڭ ماسلاشقان ھالدا كۈچ چىقىرىشقا ئىلىھاملاندۇرۇپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خەلقئارا سودا ۋە سېلىنمىغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىشتا ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خىتابنامەدە مۇنداق دېيىلدى:

<< دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا زۆرۈر ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تەشكىلاتنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن ئاكتىپ ۋە ئىجابىي شەكىلدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتە قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز.>>

خىتابنامەدە يەنە، يۇقۇمنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرىغا، داۋالاش ۋە دىياگنوز ئۈسكۈنىلىرىگە ئېرىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە، G20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى دۇنيا سودىسىنى ۋە سېلىنمىسىنى قوللاش ئۈچۈن ھەرىكەت پىلانلىرىنىڭ ئىجار قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر