دۇنيا نوپۇسىنىڭ %85 ى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان

دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە %85 نىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1718817
دۇنيا نوپۇسىنىڭ %85 ى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي ئەنگلىيەگە جايلاشقان <<تەبىئەت كىلىمات ئۆزگىرىشى ژۇرنىلى>>  (Nature Climate Change) دا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر توغرىسىدىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق تەتقىقاتنى ئانالىز قىلغان.

تەتقىقاتچىلار تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇ ئىشلىتىش ۋە كاربون قويۇپ بېرىشنىڭ باشقا مەنبەلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېمپېراتۇرا ۋە ھۆل-يېغىن ئۆزگىرىشلىرى سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، پەۋقۇلئاددە ھاۋا رايى ھادىسىلىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم باغلىنىش ئورناتتى.

زىرائەت يېتىشمەسلىك، كەلكۈن، ئىسسىقلىق دولقۇنى قاتارلىق ۋەقەلەرنى ئاساس قىلغان بىرلەشمە تەتقىقاتلار، يەرشارى ئىسسىپ كېتىشىنىڭ قۇرۇقلۇقنىڭ %85 ىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا يەكۈن چىقىرىلدى.

دوكلاتتا، ئامېرىكادىن جەنۇبىي سۇدانغىچە بولغان ھەممە جايدا دېگۈدەك كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ كۆرۈنەرلىك ۋە پەرق ئەتكىلى بولىدىغان ئەھۋالدا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

تەتقىقاتنىڭ 31-ئۆكتەبىردىن 12-نويابىرغىچە شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت رەھبەرلىرى، ئاممىۋى ۋە خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى قاتنىشىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى (UNFCCC) نىڭ 26-قېتىملىق يىغىنىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.

<<COP26>>، 2015-يىلى ئىمزالانغان بولۇپ، پارنىك گازىنى ئازايتىش، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى تېزلىتىش، يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى 2 سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەنلىتىش، ھەتتا 1.5 سېلسىيە گرادۇسقىچە تىزگىنلەش، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشى ئۈچۈن نامرات دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش قاتارلىق نىشانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇش پارىژ كېلىمات كېلىشىمىدىن بۇيان قولغا كەلگەن ئىلگىرىلەشلەرگە قاراپ چىقىدىغان تۇنجى باشلىقلار يىغىنى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر