بىرمانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئىستېپا بېرىشنى رەت قىلدى

بېرمانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ۋىن مىينت ئىستېپا بېرىشنى رەت قىلدى.

1719118
بىرمانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئىستېپا بېرىشنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىن مىينت پايتەخت نېپىدودا ئېچىلغان يېپىق سوت تەرىپىدىن سوتلاندى؛ سابىق رەھبەرنىڭ ئادۋوكاتلىرى سوتتىن ئىلگىرى ئىككى ھەربىي خادىمنىڭ ۋىن مېينتنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا «سالامەتلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەكلىكى»نى ئېيتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئادۋوكاتلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئاغدۇرۇپ تاشلانغان سابىق پىرېزىدېنت ئارمىيەنىڭ ئىستىپا بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، بۇنداق قىلغۇچە «ئۆلۈش يولىنى تاللايدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇنىڭدىن باشقا، سابىق رەھبەرنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان «ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق» توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر