يەمەندە يۈزلەرچە ھۇسىي ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

يەمەننىڭ مەغرىب شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە 156 ھۇسىي ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

1718660
يەمەندە يۈزلەرچە ھۇسىي ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «‹ SPA› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە مەغرىب شەھىرىنىڭ ئابدىيە ناھىيەسىدە ھۇسىيلارغا ئائىت ئاپتوموبىللارنى نىشان قىلىپ، ئۇدا 33 ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان، ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 156 ھۇسىي ئەزاسى  ئۆلتۈرۈلگەن، 8 ھەربىي ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلانغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھۇسىيلارغا قاراشلىق «‹سابا› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ يەرلىك بىر مەنبەدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، بۈگۈن ئابدىيە ناھىيەسىنى ئۇدا 50 قېتىم بومباردىمان قىلغان، بومباردىماندا ئۆي – ماكانلار، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ۋە خۇسۇسىي مال – مۈلۈكلەر زىيانغا ئۇچرىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر